DOWNLOADS
چۈشۈرۈش
ئۇيغۇرچە يېزىش ۋە رەسىمدىكى تېكىستلەرنى تونۇش ئۈچۈن ھەقسىز Windows پروگراممىلىرى.
UyghurEdit++
ئاساسلىق ئىقتىدارلار
- ئىملا تەكشۈرۈش: ئىملاسى خاتا سۆزلەرنىڭ ئاستىغا قىزىل سىزىق بىلەن داۋاملىق كۆرسىتىپ بېرىدۇ.
- يېزىق ئالماشتۇرۇش: ئەرەب يېزىقى، لاتىنچە ۋە كىرىلچە يېزىقلار ئارا ئايلاندۇرىدۇ.
- ئىملا ئامبىرى 2009-يىلى نەشر قىلىنغان «ھازىرقى زامان ئۇيغۇر ئەدەبىي تىلىنىڭ ئىملا لۇغىتى» دىكى تۈپ سۆزلەرنى تۈرلەش ئارقىلىق ياسالغان بولۇپ، 441 مىڭ ئەتراپىدا سۆزنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.
- لاتىنچە كىرگۈزۈش ھالىتى (Ctrl+K بىلەن ئالماشتۇرۇلىدۇ).
- تەھرىرلەۋاتقان ھۆججەتتىن HTML ياساش.
رەسىمدىكى تېكىستلەرنى تونۇش (OCR) ئۈچۈن UyghurOCR نى ئىشلىتىڭ.
0.84 نەشرىدىكى يېڭىلىقلار
- رەسىمدىكى تېكىستلەرنى تونۇش (OCR) ئۈچۈن UyghurOCR نى ئىشلىتىڭ.
- چۈشۈرۈلىدىغان ھۆججەت تەخمىنەن 68 MB دىن 5 MB غا كىچىكلىدى.
- Microsoft Visual C++ Redistributable نى ئورنىتىشنىڭ ھاجىتى يوق.
ئېكران كۆرۈنۈشلىرى


ئىجازەتنامە ۋە ئەسلى كود
UyghurEdit++ ئوچۇق كودلۇق يۇمشاق دېتال بولۇپ، MIT ئىجازەتنامىسى بىلەن ئېلان قىلىنغان. ئەسلى كودىنى چۈشۈرۈپ ئۆزىڭىز يۇغۇرۇپ (compile) ئىشلەتسىڭىزمۇ بولىدۇ.
GitHub دىكى ئامبارMIT ئىجازەتنامىسىنىڭ تولۇق تېكىستىUyghurEdit++ نىڭ مەخپىيەتلىك سىياسىتى
بۇ بەتتىكى ئېكران كۆرۈنۈشلىرى ۋە بەلگە شۇ ئامباردىن MIT ئىجازەتنامىسى بويىچە ئېلىندى.
UyghurOCR
رەسىم ۋە PDF دىكى تېكىستلەرنى تونۇپ، تېكىستكە ئايلاندۇرىدىغان ھەقسىز پروگرامما.
ئاساسلىق ئىقتىدارلار
- تونۇيدىغان تىللار: ئۇيغۇرچە، ئىنگلىزچە، تۈركچە، خەنزۇچە (ئاددىي خەت) ۋە رۇسچە. بىر نەچچىنى بىرلا ۋاقىتتا تاللىغىلى بولىدۇ.
- رەسىم ۋە PDF دىن باشقا، قىسقۇچتىكى ھۆججەتلەرنى بىراقلا تونۇيالايدۇ. سۆرەپ تاشلاش ۋە چاپلاش تاختىسىدىكى رەسىملەرنىمۇ قوللايدۇ.
- ئېكراندا دائىرە تاللاپ، شۇ قىسمىنىلا تونۇغىلى بولىدۇ.
2.0 نەشرىدىكى يېڭىلىقلار
- PDF نى بىۋاسىتە ئاچقىلى بولىدۇ، ئۇيغۇرچە تونۇش ئېنىقلىقى ئۆستى (بەزى قول يازمىلارنىمۇ تونۇيالايدۇ).
ئىجازەتنامە ۋە ئەسلى كود
UyghurOCR مۇ ئوچۇق كودلۇق يۇمشاق دېتال بولۇپ، MIT ئىجازەتنامىسى بىلەن ئېلان قىلىنغان.