تۈزۈلگەن ئۈچىنچى نەشرى / 2026 يىلى تۈزىتىلدى
—UYGHUR TEXT EDITOR—

UyghurEdit++

ئىملا تەكشۈرۈش، يېزىق ئالماشتۇرۇش ۋە OCR (رەسىمدىكى تېكىستلەرنى تونۇش) ئىقتىدارى بار، ئۇيغۇرچە تەھرىرلەش ئۈچۈن تۈزۈلگەن ھەقسىز تەھرىرلىگۈچ.

ئاساسلىق ئىقتىدارلار

  • ئىملا تەكشۈرۈش: ئىملاسى خاتا سۆزلەرنىڭ ئاستىغا قىزىل سىزىق بىلەن داۋاملىق كۆرسىتىپ بېرىدۇ.
  • يېزىق ئالماشتۇرۇش: ئەرەب يېزىقى، لاتىنچە ۋە كىرىلچە يېزىقلار ئارا ئايلاندۇرىدۇ.
  • OCR: رەسىمدىكى تېكىستلەرنى تونۇيدۇ. ئۇيغۇرچە، ئىنگلىزچە، خەنزۇچە ۋە تۈركچە يېزىقلارنى، شۇنداقلا ئارىلاش كەلگەن يېزىقلارنى تونۇيالايدۇ.
  • چاپلاش تاختىسىدا رەسىم بولسا، چاپلىغاندا OCR ئاپتوماتىك قوزغىلىدۇ.
  • ئىملا ئامبىرى 2009-يىلى نەشر قىلىنغان «ھازىرقى زامان ئۇيغۇر ئەدەبىي تىلىنىڭ ئىملا لۇغىتى» دىكى تۈپ سۆزلەرنى تۈرلەش ئارقىلىق ياسالغان بولۇپ، 441 مىڭ ئەتراپىدا سۆزنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.
  • لاتىنچە كىرگۈزۈش ھالىتى (Ctrl+K بىلەن ئالماشتۇرۇلىدۇ).
  • تەھرىرلەۋاتقان ھۆججەتتىن HTML ياساش.

0.82 نەشرىدىكى يېڭىلىقلار

  • Tesseract نىڭ ئۇيغۇرچە مودېلى قايتا ئۆگىتىلدى ۋە تونۇش توغرىلىقى كۆپ ياخشىلاندى.
  • تەھرىرلەۋاتقان ھۆججەتنى Word فورماتىدا (.docx) ساقلاش ئىقتىدارى قوشۇلدى (Qorallar تىزىملىكىگە قاراڭ).
  • Word تا يېزىلغان ئۇيغۇرچە ھۆججەتلەرنى (.docx) ئەسلىدىكى بەت قۇرۇلمىسىنى ساقلاپ قالغان ئاساستا باشقا يېزىققا (ئۇيغۇرچە، لاتىنچە ۋە كىرىلچە) ئايلاندۇرۇپ بېرىش ئىقتىدارى قوشۇلدى (Qorallar تىزىملىكىگە قاراڭ).

ئېكران كۆرۈنۈشلىرى

ئەرەب يېزىقىدىكى ھۆججەت. ئىملاسى خاتا سۆزلەرنىڭ ئاستىغا قىزىل سىزىق سىزىلغان.
ئەرەب يېزىقىدىكى ھۆججەت. ئىملاسى خاتا سۆزلەرنىڭ ئاستىغا قىزىل سىزىق سىزىلغان.
لاتىنچە يېزىقتىكى ھۆججەت.
لاتىنچە يېزىقتىكى ھۆججەت.
OCR كۆزنىكى: رەسىمدىكى تېكىستنى تونۇپ تېكىستكە ئايلاندۇرىدۇ.
OCR كۆزنىكى: رەسىمدىكى تېكىستنى تونۇپ تېكىستكە ئايلاندۇرىدۇ.

ئىجازەتنامە ۋە ئەسلى كود

UyghurEdit++ ئوچۇق كودلۇق يۇمشاق دېتال بولۇپ، MIT ئىجازەتنامىسى بىلەن ئېلان قىلىنغان. ئەسلى كودىنى چۈشۈرۈپ ئۆزىڭىز يۇغۇرۇپ (compile) ئىشلەتسىڭىزمۇ بولىدۇ.

GitHub دىكى ئامبارMIT ئىجازەتنامىسىنىڭ تولۇق تېكىستى

بۇ بەتتىكى ئېكران كۆرۈنۈشلىرى ۋە بەلگە شۇ ئامباردىن MIT ئىجازەتنامىسى بويىچە ئېلىندى.