ئەڭ يېڭى خەۋەر

ئۇيغۇرئېدىت ۋە ئىملا ئامبىرى يېڭىلاندى [2010/02/17]

 ئۇيغۇرئېدىت ۋە ئىملا ئامبىرى يېڭىلاندى. ئۇيغۇر لاتىن يېزىقىنى ئۇيغۇر يېزىقىغا ئايلاندۇرغان چاغدا ئېلخەت ئادرېسى، تور ئادرېسلىرى قاتارلىقلارمۇ ئۇيغۇر يېزىقىغا ئايلىنىپ كېتىدىغان ئىشلار تۈزىتىلدى.

ئىملا ئامبىرىدىكى سۆزلەر 881 مىڭدىن ئاشتى.
 


Uyghurche xetler chirayliq körünmise, Uyghur’éditni qachilang yaki bolmisa bu fontni qachilang.

ئۇيغۇرچە خەتلەر چىرايلىق كۆرۈنمىسە، ئۇيغۇرئېدىتنى قاچىلاڭ ياكى بولمىسا بۇ فونتنى قاچىلاڭ.

 ئۇيغۇرئېدىت ھەققىدە

 

ئۇيغۇرئېدىت (UyghurEdit) بولسا Windows مۇھىتىدىكى ھەقسىز ئۇيغۇرچە تەھرىرلىگۈچ. ئۇيغۇرئېدىتتا Unicode ئۆلچىمى ئىشلىتىلگەن. ئۇيغۇرئېدىتنىڭ ئۇيغۇرچە ۋە باشقا تىللارنى ئارىلاش تەھرىرلەش ئىقتىدارى بولۇپلا قالماستىن، ھۆججەت قىلىپ ساقلاش، بېسىش، باشقا پروگراممىلار بىلەن ئۇچۇر ئالماشتۇرۇش، ئىملا تەكشۈرۈش، ئىزدەش ۋە ئالماشتۇرۇش، يېنىۋېلىش، يانغانغا پۇشايمان قىلىش، UKY يېزىقى بويىچە كىرگۈزۈش، ئۇيغۇر كونا يېزىقى بىلەن ئۇيغۇر كومپيۇتېر يېزىقىنى ئۆز-ئارا ئالماشتۇرۇش، باشقا سىستېمىلارنىڭ ھۆججەتلىرىنى ئوقۇش، ھەتتا ھۆججەتنى HTML قىلىپ ساقلاش قاتارلىق ئىقتىدارى بار.

ئۇيغۇرئېدىت مەن 2000-يىلى ئىشلىگەن UighurEdit ئاساسىدا ئۆزگەرتىپ ئىشلەندى. UighurEdit تا Unicode ئىشلىتىلمەي بوغدا مەتبەئە سىستېمىسىدا ئىشلىتىلگەن كودلاش (Encode) ئۇسۇلى ئىشلىتىلگەن بولۇپ Windows نىڭ بارلىق نۇسخىلىرىدا ئىشلەيتتى. ئۇيغۇرچە ۋە ئىنگىلىزچىنىلا بىرلىكتە تەھرىرلىيەلەيتى، ئايرىم خەت ئامبىرى(Font) بار ئىدى. مۇنداقچە ئېيتقاندا ئۇ مۇستەقىللا بىر سىستېما ئىدى.

ئۇيغۇرچىنىڭ Unicode ئۆلچىمىگە كىرىشى ، ئۇيغۇر تىلىنى كومپيۇتېردا قوللىنىش ساھەسىدىكى بىر چوڭ ئىش. ئۇيغۇرئېدىتمۇ شۇنىڭ تۈرتكىسى بىلەن بارلىققا كەلدى. ئۇيغۇر تىلى كومپيۇتېرغا كىرگۈزۈلگەندىن بېرى نۇرغۇن مەشغۇلات سىستېمىلىرى، مەتبەئە سىستېمىلىرى بارلىققا كەلگەن بولسىمۇ، ئوخشىمىغان سىستېمىلار ئۇيغۇرچە ھەرپلەر ئۇچۇن ئوخشىمىغان كودلاش ئۇسۇلىنى ئىشلەتكەچكە، بىرسى- بىرسىنىڭ ھۆججەتلىرىنى ئوقۇيالمىدى. بۇ ئىشلەتكۈچىلەرگە زور قۇلايسىزلىقلارنى ئېلىپ كەلدى.

مېنىڭ بۇنى ئىشلىشىمدىكى سەۋەب، پۈتكۈل دۇنيادىكى ئۇيغۇرلارنىڭ خەلقئارادىكى بىرلىككە كەلگەن Unicode ئارقىلىق ئالاقىلىشىشىغا قولايلىق يارىتىش ئۇچۇندۇر.

«ئويغان» تۇنجى بولۇپ Unicode قا قەدەم باستى. ۋە شۇنداقلا InternetExplorer دا بىۋاسىتە ئۇيغۇرچە كىرگۈزۈش ۋە UKY بىلەن كونا يېزىقنى ئۆزئارا ئايلاندۇرۇشنى ئەمەلگە ئاشۇردى. 

 ئۇيغۇرئېدىت يەنىمۇ بىر قەدەم ئىلگىرىلەپ، ھۆججەتنى ساقلاش، ئوقۇش، بېسىشتىن سىرت، باشقا سىستېمىلارنىڭ ھۆججەتلىرى(ئۇيغۇرچە)نى ئوقۇش ۋە ئۇنى Unicode تا ساقلاش قاتارلىقلارنى ئەمەلگە ئاشۇردى. 

 ئۇيغۇرئېدىتتا Unicode ئىشلەتكەن بولغاچقا، ئۇنىڭدا تەھرىرلەنگەن ھۆججەتنىUnicode ئۆلچىمىنى قوللايدىغان باشقا مۇھىتلاردا ئىشلەتكىلى بولىدۇ. 

 Unicode دېگەن نېمە؟ ئۇنىڭ قانداق ئالاھىدىلىگى بار؟ بۇ ھەقتە بىلمەكچى بولسىڭىز بۇ يەرگە ۋە بۇ يەرگە قاراڭ.

 

غەيرەت توختى كەنجى 

2003-يىل 9-ئاي